باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئەل ئارا مەبلەغ سېلىنمىسىنى مۇقىم ياخشىلاش كېرەك

2016.06.15 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 5-ئايلىق كۆمۈر، ئېلېكتر، ماي تىرانسىپورتى، مەبلەغ سېلىش، باھا ئايلىنىشى، ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سېلىكتۈرۈش قاتارلىق ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئالدىنقى بەش ئايلىق ئەل ئارا مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ تېز تۆۋەنلەش ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەت تەرەققىىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى لى پۇمىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئەل ئارا مەبلەغ سېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويسىلا، ئەل ئارا مەبلەغ سېلىنما سۈرئىتىنىڭ تەدرىجىي ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  5-ئايدىكى توك چىقىرىش، توك ئىشلىتىش مىقتارى ئىزچىل سەل ئېشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقتارى 473 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪2.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلەپ، 4-ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىدى. ئالدىنقى بەش ئايدا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقتارى 2 تىرىللىئون 282 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪2.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقتارى مۇقىم ئېشىش بىلەن بىللە، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، 3-كەسىپ ۋە ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توك مىقتارىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقتارىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى 2-كەسىپنىڭكىدىن چوڭ بولۇپ، ئالدىنقى بەش ئايلىق 3-كەسىپ ۋە ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي توك مىقتارىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقتارىنىڭ ئېشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ٪85.1 كە يېتىپ، 2-كەسىپنىڭكىدىن ٪9.6 يۇقىرى بولدى. لى پۇمىن مۇنداق دېدى: توك چىقىرىش ۋە ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ ئىزچىل كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر