باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش يولغا قويۇلىدۇ

2016.06.15 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندا بىرلىكتە «ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق نۇسخىسى)»نى تارقاتتى. 2016-يىلىدىن باشلاپ، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى يېزا-بازار شىپاخانىلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، يەنە ئېھتىياجى بار كەنت ئامبۇلاتورىيەسى قاتارلىق يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ؛ 2020-يىلىغىچە، پىرىنسىپ جەھەتتىن يېڭى تەرەققىي قىلغان يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئۇنىۋېرسال پەنلەر مېدىتسىنا كەسپى (مەخسۇس كۇرس) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ.

  «پىكىر»دە ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى كىلىنىكىلىق داۋالاش، جۇڭگو تېبابىتى ئىلمى تۈرىدىكى كەسىپ ئۈچ يىللىق پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، يېزا شىپاخانىلىرى، كەنت ئامبۇلاتورىيەسى قاتارلىق يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسال بۆلۈملەردە داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە شۇغۇللانماقچى بولغانلار، مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ۋە شۇنىڭدەك تەربىيەلەش ئېھتىياجى بار بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلىنىدۇ. « 3 + 2 » ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى بولۇپ، ئۈچ يىللىق تېببىي تۈردىكى كەسپىي ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مائارىپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش بازىسىدا ئىككى يىللىق ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە تەربىيىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن-تېخنىكا، مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: مەركەز مالىيەسى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسال پەنلەر ياردەمچى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش تۈرىگە ھەر بىر ئادەمگە بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەن ئۆلچەم بويىچە مەبلەغ بېرىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر