باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.06.14 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بولغان قاتنىشىش ۋە نازارەت قىلىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش، ئۇچۇر ئاشكارىلىشىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسىرى كۈچلۈك بولدى. 13-ئىيۇن، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات باياناتچى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم پائالىيىتى، زور ۋەقەلىرى ياكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىدىكەن.

  خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەلئىچى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەن نىڭ: «نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋاقتىدا بولماسلىق، ئۇچۇر ئاشكارىلاشتا تەشەببۇسكار بولماسلىق، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش جايىدا بولماسلىق، سەلبىي جامائەت پىكرى قاتارلىقلار داۋاملىق كۆپ يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرى بىلەن پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ياخشى بولمىغان تەسىر پەيدا قىلدى»، دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمى دەرىجە ۋە تۈرگە بۆلۈپ تەدرىجىي يولغا قويۇلىدىكەن: مەملىكەتلىك كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا جەمئىيەتلىرى ۋە ئاشكارا ئىئانە يىغىش سالاھىيىتىگە ئىگە فوندى جەمئىيەتلىرىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛ خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان باشقا تۈردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ئىشلار تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھەر خىل تۈردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛ شەھەر، ناھىيەلىك خەلق ئىشلار تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھەر خىل تۈردىكى شارائىتى يار بەرگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭمۇ بۇ تۈرۈمنى يولغا قويۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر