باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسلەر شياڭگاڭ، ئاۋمىنغا ساياھەتكە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپاراتتا ئۈچ مىنۇتتا بېجىرەلەيدۇ

2016.06.13 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلىگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قىسمەن چىگرىدىن كىرگەن-چىققانلارنى كۈتىۋېلىش زالىدا، (كارتا شەكىللىك) ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات ئارقىلىق ئىش بېجىرىشنى يولغا قويدى، ئىلتىماس قىلغۇچى ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات ئارقىلىق شياڭگاڭ، ئاۋمىنغا ساياھەتكە چىقىش رەسمىيىتىنى ئۈچ مىنۇتتا بېجىرەلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، ئىلگىرى شەخسلەر شياڭگاڭ، ئاۋمىنغا ساياھەتكە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا قوبۇل قىلىش كۆزنىكىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلىدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرسا، خىزمەتچىلەر ۋىزىنى بىر تۇتاش بېجىرىدىغان بولۇپ، ساقلاش ۋاقتى ئۇزاقراق ئىدى. ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى ياش خەلق ساقچىلىرىنىڭ «ياخشى تەدبىر» لىرىنىڭ بىرى. ھازىر ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات ئارقىلىق، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن كارتىلاشقان يول خېتى بار بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلارنى ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش، ۋىزا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تونۇشتۇرىلىشچە، بېيجىڭ نوپۇسىدا بولمىغانلار چىگرىدىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى بېيجىڭدا بېجىرىشتە، جەزمەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرىدۇ، ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپاراتى ئارقىلىق ۋىزا بېجىرىش ۋە ۋىزا تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە بېجىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى، يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن ھەربىي قىسىملاردىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار ۋە تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىمۇ بۇ كۆزنەككە ئىلتىماس ماتېرياللىرىنى تاپشۇرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر