باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ھازىرقى سۈرئىتى 50 كىلومېتىر تېزلىتىلسە تىجارەت تەننەرخى ئۈچتىن بىر قىسىم كۆپىيىدۇ

2016.06.13 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تىجارەت گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سۈرئىتىنى تېزلىتىش سادالىرىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئىقتىساد مەسىلىسى، تېخنىكا جەھەتتە مەسىلە يوق، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋاپىق ئەمەس، تولۇق دەلىللەش كېرەك، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ 350 كىلومېتىرلىق سائەتلىك سۈرئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سادالىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

  شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى زو داجيې: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە رىقابەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى جەھەتتىن قارىغاندا، لايىھەدىكى سۈرئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، دېدى.

  تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شېڭ گۇاڭزۇ بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلىرى سائىتىگە 350 كىلومېتىر يول يۈرۈشتە مەسىلە يوق، ئەمما يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىر ئاشسا تەننەرخى ئۈچتىن بىر قىسىم كۆپىيىدۇ، كۆپەيگەن تەننەرخ ئاساسلىقى توك باھاسى، زاپچاسلارنىڭ ئۇپرىشىنىڭ تېزلىشىشى ۋە رېمونت تەننەرخىنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىدۇ. ھازىرقى 310 كىلومېتىرلىق ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىك جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۈنۈمىمۇ بىرقەدەر ياخشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر