- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىنتېرنېت ئارقىلىق مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتايلى
2016.06.13 14:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، شەھەرلىكلەر ئىنتېرنېت تۇرمۇشىغا ئادەتلەنگەن چاغدا، توردىن نەرسە سېتىۋېلىش يېزىلاردىكى يېڭىلىق ئىدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە يېزىلاردا بارغانسېرى كۆپ دېھقانلار توردىن نەرسە سېتىۋېلىشقا ۋە نەرسە سېتىشقا باشلىدى. جىلىن ئۆلكىسىدىكى بەزى نامرات رايونلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، شەھەر يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىل 35 ياشلىق جاڭ شيۇيەن جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەسى تيەنچياۋلىن بازىرى دۇڭشىن كەنتىدىن. 2012-يىلى ئۆيدە بىكار قالغانلىقتىن تاۋباۋ تورىدا «يەنبيەن تائاملىرى دۇكىنى» دېگەن نامدا بىر دۇكاننى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، مەخسۇس يەنبيەننىڭ سوغۇق چۆپ، چىلانغان سەي، قېرىنقۇلاق قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى.
جاڭ شيۇيەن مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ئۇنداق جىق ساتالايمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. «يەنبيەندە نۇرغۇن ئادەم سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەن، ئۆز يۇرتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يېيەلىسە ئۇلارغا نىسبەتەن بىر تەسەللى بولىدۇ. شۇڭا مەن يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى توردا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە سېتىشنى ئويلاشتىم.
ئويلىمىغان يەردىن، توردا رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن سودا ياخشى بولۇپ كەتتى. بىر ئايدا 200 مىڭ يۈەن ساتتى، كەينىدىن جاڭ شيۇيەن يەنە بىر قانچە دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ 4 دۇكاننى رويخەتكە ئالدۇردى. ھازىر بۇ تۆت دۇكاننىڭ بىر ئايلىق سېتىش سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ھازىر جىلىندا، جاڭ شيۇيەنگە ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنبيەن ئوبلاستى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇردى. ۋاڭ چىڭ، دۈنخۇا، يەنجى قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەر باشلامچى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مىللىي رايونلاردىكى تۇنجى تاۋباۋ تىجارەت مۇلازىمەت مەركىزى دۈنخۇادا قۇرۇلدى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى دۈنخۇا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا 3500 سودا پۈتۈشۈلۈپ، سودا سوممىسى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. دۈنخۇا شەھىرى چىڭگوۋزى يېزىسى لاۋتۈن كەنتىنىڭ سودا سوممىسى 1 مىليون 50 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا تاۋباۋ كەنتى ئىچىدە ئالدىنقى 10 ئورۇننى ئىگىلىدى.
سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە يەنبىيەن ئوبلاستىدا تاۋباۋ تورىنىڭ جىلىن سارىيىدىكى كارخانا 105 گە يەتكەن. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا چاۋشيەنزۇلارنىڭ تائاملىرىنى توردا سېتىش تىجارىتى تاۋباۋ تورىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا ئۈچ كۈن ئىچىدە 2 مىليون يۈەنگە يېقىن سېتىلدى. يەنبىيەننىڭ گۈرۈچى، چىلانغان سېيى، سوغۇق چۆپى، ھەسىلى،قېرىنقۇلىقى قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى 50 مىڭ قېتىمغا يەتتى. پۈتۈن ئوبلاستتا ئىككى ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپا مۇلازىمىتى مەركىزى، يۈزدىن ئارتۇق كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلدى. يەنە بىر تۈركۈم مۇلازىمەت پونكىتى ۋە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر گەۋدىلەشكەن تۈرى قۇرۇلماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر