باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2016.06.13 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن كۇنمىڭدا 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى ۋە مۇھىم تاشقى مەبلەغ مەنبەسى. جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ چەتئەل قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك بازىرى. ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تىز سۈرەتتە ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.9 يۇقىرىلاپ، يەر شارى ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچىدە ئەڭ جەلپكار رايونغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە سەمىمىي ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىش ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسى قارىشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، يەرلىكنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ.جۇڭگو جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، بېنگال جۇڭگو بېرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ساياھەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چېگرادىن كىرىپ چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇش ۋە بىرلىشىپ يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو يۈننەن قاتارلىق چېگرا رايونىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنى جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد سودا ئالاقىسى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر