- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
3-تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىلتىماسىنى تاللاش خىزمىتى يولغا قويۇلدى
2016.06.13 14:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى ، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 20 كومىتېت ، مىنىستىرلىق بىلەن يېقىندا ، 3-تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىلتىماسىنى تاللاش خىزمىتىنى بىرلىشىپ يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە يولغا قۇيۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى. 3-تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىلتىماسىنى تاللاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 3-تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىلتىماسىنى تاللاشنى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى زور مەسىلىلەر، نۇقتىلىق تۈرلەر بىلەن ئورگانىك باغلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپتىكى قاتماللىقنى تۈگىتىش، رايون توپى ۋە قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ ۋە رايوننى يېتەكلەش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىلتىماسىدا مۇنداق مۇناسىپ شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.
1.تۈر ئېنېرگىيە ، قاتناش تىرانسپورت، شەھەر مەمۇرىيىتى ، سۇ ئىشلىرى، مۇھىتنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، پەن تېخنىكا، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، داۋالاش، سەھىيە، كۈتۈنۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلاردا 3-تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىلتىماسىنى تاللاش خىزمىتىنى بىرلىشىپ يولغا قويۇش قېلىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىگە تەۋە.
2.شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە تۈرلۈك مەخسۇس تۈر پىلانىغا كىرگەن يېڭى قۇرۇلغان تۈرلەرنى بەلگىلىمىدىكى تەرتىپ بويىچە يولغا قويۇشنى دەلىللەش قاتارلىق تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى بېكىتىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر