- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
2016.06.12 15:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئاياقلاشتى. ئىمتىھان ئاياقلاشقاندىن كېيىن تەتىللىك دەم ئېلىش باشلاندى، ئەمما بەزى ئوقۇغۇچىلار تولۇق دەم ئالالمايدۇ. 10-ئىيۇن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 77 ئالىي مەكتەپ مەملىكەت بويىچە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، قالغان 13 مەكتەپ ئۆز ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» تارقىتىلدى. بۇ پىكىردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىنىقىنىڭ خاراكتېرىنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتىپ، پەنلەردە ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يۇشۇرۇن كۈچى بار مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەرتى ئاز-تولا تەڭشەلدى، مەسىلەن، مۇسابىقە گۇۋاھنامىلىرى زۆرۈر شەرت قىلىنمايدىغان بولدى. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سو ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ئەمەلىيەتتە مۇسابىقە، پەنلەر ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تاللايمىز، يېڭىلىق يارىتىش يۇشۇرۇن كۈچى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئويلىشىمىز. شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىمۇ مۇنداق دېدى: مۇئەييەن تىزىملىتىش شەرتى يېڭىلىق يارىتىش يۇرۇشۇن كۈچى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسى، پاتېنتى بولۇشى ياكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر كۆرسەتكەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاقىدار پىكىردە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەر ئۇيۇشتۇرغان دەرسلەر، يازلىق لاگىر، قىشلىق لاگىر قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولۇشنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشقا ياكى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باھالاش خىزمىتى بىلەن چېتىۋېلىپ، باھالاش ئادىللىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ جاۋخۇي بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن پايدىلىنىپ ناتوغرا مەشغۇلات قىلىشىدىن، ئادىلسىزلىق كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلاردىن ھەقىقەتەن ساقلىنىش كېرەك. بۇ يىل سىناق قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر باھالاشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىسىملىكى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەلەپ بويىچە ئۆز مەكتىپى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سۇپىسىدا ئاشكارە ئېلان قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر