باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر كېسەل تۈرلىرى بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى

2016.06.12 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامبۇلاتۇرىيەدىكى تەكشۈرۈشتىن ئوپېراتسىيەگىچە، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كۆزىتىشتىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچە پەقەت 24 تىن 28 سائەتكىچە كېتىدۇ، بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيە دېيىلگەن داۋالىنىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، نۆۋەتتە بەزى جايلاردا ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش تەس بولماقتا. مۇتەخەسسىسلەر كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق ئېلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھەرلىك 5-خەلق دوختۇرخانىسىدا، يېڭىلا گېموروي ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان خۇاڭ ئەپەندى دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى قىلدۇردى. بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيەنى تاللىغاچقا، خۇاڭ ئەپەندى ئامبۇلاتورىيەدە تەكشۈرۈشتىن ئوپېراتسىيەنىڭ ئالدىدىكى باھالاش، ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىش، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىشلىرىنى تېزدىن تۈگەتتى، كېسەلخانىدا يېتىش ۋاقتى بۇرۇنقى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتىن بىر كۈنگە قىسقاردى. خۇاڭ ئەپەندى بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيە ۋاقىتنى تېجەيدىكەن، ھەققىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن، ھەممىسىنى ھېسابلاپ باقسام، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى قوشقاندا، ئۆزۈم 210 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تۆلەيدىكەنمەن دېدى. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇلتۇر بىر كۈنلۈك ئوپېراتسيەگە ماس كېلىدىغان 56 كېسەل تۈرىنى تۇنجى تۈركۈمدە تىزىپ چىققان ئىدى. نۆۋەتتە، ياۋروپا، ئامېرىكا ئەللىرىدە بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيە ئومۇمىي ساننىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزدە بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، سىچۈەن، جياڭسۇ قاتارلىق 18 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيەنى يولغا قويدى. 2020-يىلىغىچە، بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيەنىڭ نىسبىتى %20 تىن %30 كىچە يېتىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ زىجۈن كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇپ، بىر كۈنلۈك ئوپېراتسىيەنى ئۆز ئالدىغا گۇرۇپپىغا ئايرىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر كېسەل تۈرىگە قاراپ تەڭشەلسە، بىر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھەققى قانچە پۇل بولسا، بۇ-ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئامبۇلاتورىيە، كېسەلخانا ئاۋارىچىلىكىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىدە مۇناسىپ تەڭشىلىدىغان ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر