باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار كېسىمنىڭ قانۇنىي كۈچ يوق دەپ تەكىتلەندى

2016.06.12 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقئارا قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 10-ئىيۇن «فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسىدىكى كېسىم سوتىنىڭ كېسىمى قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش كېسىم مەيدانىنى قوبۇل قىلماسلىق، قاتناشماسلىق مەيدانىنى قوللاپ، كېسىم سوتىنىڭ مەزكۇر دېلودىكى تەۋەلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە چىقارغان كېسىمىدىكى سەپسەتىگە قانۇن نۇقتىسىدىن رەددىيە بەردى ھەم كېسىم سوتى چىقارغان تەۋەلىك ھوقۇقى كېسىمى ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ماھىيەتلىك مەسىلە ھەققىدە چىقارغان كېسىمى قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ شەرھلىدى. ماقالىدا كېسىمدە ئاز دېگەندە ئالتە چوڭ سەپسەتىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى: بىرىنچى، فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش دەۋاسىدا جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىسىنى چۈشەندۈرۈش ياكى قوللىنىش ماجىراسىنى پەيدا قىلدى دەپ خاتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى؛ ئىككىنچى، ئەھدىنامىنى تەڭشەشكە تەۋە بولمىغان، ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن قۇرۇقلۇق زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى ئىشلاردا تەۋەلىك ھوقۇقى خاتا بېكىتىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو ئاللىقاچان مەجبۇرىي تەرتىپتىن چىقىرىپ بولغان ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىنىڭ چېگرىسىنى ئايرىش ئىشىدا تەۋەلىك ھوقۇقى خاتا بېكىتىلدى؛ تۆتىنچى، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئالاقىدار ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىدا مەۋجۇت بولغان كېلىشىم خاتا ھالدا ئىنكار قىلىندى؛ بەشىنچى، فىلىپپىن ئاتالمىش كېسىم ئىشلىرىدىكى ماجىرانى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدا، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى دەپ خاتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى؛ ئالتىنچى، ئەھدىنامىنىڭ ماجىرانى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ نىشانى ۋە باش مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىنىپ، ئەھدىنامىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزۈلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېسىم سوتىنىڭ فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش دەۋاسى ھەققىدە تەۋەلىك ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇشى پۈتۈنلەي خاتالىق. كېسىم سوتى كېيىنكى قەدەمدە ماھىيەتلىك مەسىلە ھەققىدە قانداق قارار چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ-ئوخشاشلا ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر