باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى

2016.06.12 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنىڭ رەسمىي دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇر ئىگىلىكى ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ باشقا ساھەلەردىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. ئۆتكەن يىلى، شاڭخەي شەھىرى تۇنجى قېتىم ئومۇمىي سىغىمچانلىقى مىڭ GB لىق قاتناش چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئاچتى. شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆمىكى يولۇچىلار بىر تۇتاش قاتناش كارتىسىنىڭ كارتىنى سۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى تاللاپ شەھەر قاتنىشى ۋە ئاممىنىڭ يولغا چىقىشىنى ياخشىلاش ھەققىدە لايىھە يىغدى. ئۆمەكنىڭ ئەزاسى جاڭ يافېي مۇنداق دېدى: مەسىلەن بۈگۈن قانچە ئادەم شىنخۇاڭ دېگەن بېكەتتىن كارتا سۈرۈپ كىرىپ، خەلق مەيدانىدىن چىقسا، بىر كىرىپ بىر چىقىش تور ئىلمىدە بىر كىرىش دەرىجىسى ۋە چىقىش دەرىجىسى مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ جەدۋەلدىن بۇنى ھىسابلىيالايمىز. شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەقىل پاراسەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تېخنىكا تىرىكىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە جىلىن ئۆلكىسى كۆممىقوناق، شال ۋە ئەسلىھەلىك كۆكتات قاتارلىق كەسىپ ئەشيا ئوبوروتى تور تېخنىكىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئېچىپ تاماملىدى، كومپىيوتېر، يانفون قاتارلىقلار ئارقىلىق كەسىپلەرنى نىسپىي ئەقلى ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى تاماملىدى. جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك كومىتېتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياۋ تېفېڭ مۇنداق دېدى: چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ خاس ئېھتىياجىنى ئىگىلىيەلەيمىز. مەسىلەن بۇ يەرگە نېمە تېرىش كېرەك؟ قايسى ۋاقىتتا ئورىساق مۇۋاپىق بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە قانداق ئوغۇت ئىشلىتىش كېرەك؟ قانچىلىك ئىشلىتىش كېرەك؟ مەھسۇلاتنى قايسى ۋاقىتتا ساتساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلارغا خاس مۇلازىمەت قىلىش.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن نيەنشيۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا ئېلىمىزنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىي كۆلىمىنىڭ يىلىغا ئېشىش نىسبىتى %50 تىن ئاشىدىكەن، 2020-يىلغىچە ئېلىمىز دۇنيادىكى 1- سانلىق مەلۇمات بايلىقى چوڭ دۆلىتى ۋە يەر شارىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە ئايلىنىدىكەن. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋەكىللىرىدىكى ئۇچۇر ئىقتىسادىي ئەنئەنىۋى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، غايەت زور يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرىدۇ، بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شەندۇڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى سۈن جىن مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ئاددىيغىنە بىرنى بىرگە قوشۇش ئەمەس. بىز خىمىيەلىك رېئاكسىيە كۆرسىتىش ھەتتا يادرولۇق ئۆزگىرىش بولۇشىنى، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچ قوشۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يارىتىشىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ گۈزەل ھۇزۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر