باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى كۈچلۈك ھۆل يېغىنلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

2016.06.12 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زېيىنى ئازايتىش كومىتېتى يېقىندا دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، جايلاردىكى ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتلىرىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى كۈچلۈك ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايى جەريانىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رايونلار، جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈن مەزگىلدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن، تاغ جىنسلىرى سىيرىلىپ چۈشۈش بولۇپمۇ لاتقا شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتكە قارىتا يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم تەشكىللىشى كېرەك، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، شىپاخانا، ساناتورىيە، قۇرۇلۇش بولۇۋاتقان ئىش ئورنى ۋە ئىشچىلارنىڭ تۇرالغۇسى، ساياھەت مەنزىرە ئورۇنلىرى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئورۇنلىرى، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك، بايقالغان يوشۇرۇن خەتەرلەر ۋە يوچۇقلارنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تېزدىن تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئاپەت ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى ۋە مال مۈلۈك زىيىنىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر