باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى: بوۋاقلار كىيىملىرى «چىشلەشكە چىداملىق» بولۇشى كېرەك، دېدى

2016.06.12 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىئەن شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئالدىنقى كۈنى بالىلار كىيىملىرى قاتارلىق قىسمەن بوۋاقلار لازىمەتلىكلىرىگە قارىتا مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە خەۋپىنى سىناش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، توردا سېتىلغان قىسمەن بوۋاقلار كىيىملىرىدە رەڭنىڭ شۆلگەيگە چىداملىق بولۇش تۈرى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك ئەھۋالى بايقالدى. سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنى بوۋاقلار كىيىملىرى سېتىۋالغاندا «چىشلەشكە چىداملىق» ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشىنى، بوياق ماتېرىياللىرى ياكى زىيانلىق بۇيۇملارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ تېنىگە كىرىشىدىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىئەن شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى توردا كۆپ سېتىلىۋاتقان بوۋاقلار كىيىملىرىگە قارىتا مەھسۇلات سۈپىتى، خەۋپىنى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش تۈرلىرى فورمالدېگىد مىقدارى، كىيىم رەڭگىنىڭ شۆلگەيگە چىداملىق بولۇش دەرىجىسى، پارچىلىنىدىغان راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاروماتىك ئامىن بوياق ماتېرىيالى قاتارلىق ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. توردا ئەۋرىشكە ئېلىش كۆپ ئىشلىتىدىلىدىغان نۇرغۇن تور سودا سۇپىسىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 12 تۈركۈم ئەۋرىشكە ئېلىندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، فورمالدېگىد مىقدارى، پارچىلىنىدىغان راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاروماتىك ئامىن بوياق ماتېرىيالى تۈرلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكەن، بىر تۈركۈم مەسىلە بار ئەۋرىشكىنىڭ كىيىم رەڭگىنىڭ شۆلگەيگە چىداملىق بولۇش دەرىجىسى ئۆلچەمگە يەتمىگەن.

  سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىيىم رەڭگىنىڭ شۆلگەيگە چىداملىق بولۇشى بوۋاقلار كىيىملىرىنى ئۆلچەيدىغان ئالاھىدە كۆرسەتكۈچ بولۇپ، «دۆلەت توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى»گە ئاساسەن، نۆل ياشتىن 36 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ توقۇلما بۇيۇملىرى چوقۇم ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك دەرىجىسى بولغان A تۈرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك ئىكەن. بوۋاقلار ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى چىشلەش ۋە يالاشقا ئامراق بولغانلىقتىن، ئەگەر كىيىم رەڭگىنىڭ شۆلگەيگە چىدامچانلىقلىقى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كىيىم كىيدۈرۈلسە، بوۋاقلار كىيىمىنى يالىغاندا ياكى چىشلىگەندە، كىيىمدىكى بوياق ماتېرىياللىرى ياكى باشقا زىيانلىق ماددىلار ئاسانلا شۆلگەينىڭ تەسىرىدە ئاجىرىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ، بوۋاقلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر