باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماي ئېيىدا CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشتى

2016.06.12 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان، ئۆتكەن ئايدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 تۆۋەنلىگەن، ئۆتكەن ئايدىكىدىن %0.5 ئاشقان، مال باھا سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  ئۆتكەن ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 5-ئايدا CPI ئۆتكەن ئايدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، كۆكتات باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بۇنىڭغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسەتكەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ستاتىسىتىكىچىسى يۈ چيۇمېي تەتقىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆكتات باھاسى ئۆتكەن يىللارقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپرەك ئۆستى. يازلىق كۆكتاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، بازار تەمىناتى تەدرىجىي ئېشىپ، كۆكتات باھاسى نورماللاشتى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 5-ئايدا CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. 5-ئايدا كۆكتات باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 16.2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن، CPIغا بولغان تەسىرىمۇ ئۆتكەن ئايدىكى 0.56 پىرسەنت پوئىنتتىن 0.14 پىرسەنت پوئىنتقا چۈشكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر