باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.06.08 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىر مۇخبىر 5-ئىيۇن: قازاقىستان غەربىي رايونى ئاقتۆپە شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ئادەم يارىلاندى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقتۆپە شەھىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.

  خۇڭ لېي بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئاقتۆپە شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىدارلاردىن ھال سورىغانلىقىنى؛ جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇقنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى؛ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىللە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر