باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئاياغلاشتى

2016.06.08 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ھەم بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  يېپىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى كۈنلۈك جىددىي، تەرتىپلىك خىزمەت ئارقىلىق، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىقتىساد ئۆمىكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى نۇقتىلىق قارالمىلار ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش قىلدى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ساھەسىدە 60 تىن ئارتۇق نەتىجە ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ پولات-تۆمۈر ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشنىڭ دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئېھتىياجنىڭ پەسكويلۇقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى، شۇڭا كوللېكتىپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدىكى تونۇشقا كەلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى، بازار مېخانىزمى ۋە مۇۋاپىق سىياسەت، تەدبىر ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ئىستراتېگىيە سۆزلىشىشىدە مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى قانداق ئىجابىي بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئىزچىل مەيدانى ۋە كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر