باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇ چىڭلىن: كونا ۋە مىللىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك

2016.06.08 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن يېقىندا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىدىكى كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى ۋە مىللىي رايونلارنڭ يېزىلىرىغا بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  دۇ چىڭلىن بەيسېنىڭ تيەنياڭ ناھىيەسى، فاڭچېڭگاڭ دۇڭشىڭ شەھىرىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى دېھقان ئائىلىرىگە كىرىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى يۇرتداشلارنى قانداق قىلىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، مىللىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە قانداق تەجرىبىلەرنى توپلىدى، قانداق قىلغاندا نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە نامرات دېھقانلار، بېيىش باشلامچىلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپراتىپىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ۋە بېيىش يوللىرى ئۈستىدە بىرلىكتە كېڭەشتى.

  دۇ چىڭلىن كۆچمەنلەر يېڭى كەنتىدىكى ئامما بىلەن پاراڭلىشىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئاھالىلارنى كۆچۈرۈش نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلىكىگە قارىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، مۇقىم تۇرۇپ قېلىشى، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش؛ ھەم ھەمياننى تولتۇرۇپ، ھەم مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەربىىيەسىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى قىلىدىغان ئىشقا، ھەم پۇلغا ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنى يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، تۇرالغۇسى بولىشىغا، كېسەل بولغاندا داۋالىنالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر