باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ ئىمارەت ئۇقۇمى لايىھەسىنى توپلاش باشلاندى

2016.06.08 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مۇسابىقە مەيدانى بولغان دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيى 6-ئىيۇن دۇنيا بويىچە ئىمارەت ئۇقۇمى لايىھەسى توپلاشنى باشلىدى. دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى يېڭى سېلىنىدىغان بىردىنبىر مۇسابىقە مەيدان سارىيى، بېيجىڭ 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇگۇر توپ مەيدانى ۋە قارىغا ئېتىش مەيدانىنىڭ ئورنى ئىشلىتىلىدۇ، مەيدانغا 12 مىڭ ئادەم سىغىدۇ؛ مۇسابىقىدىن كېيىن بېيجىڭدىكى تۆت پەسىلدە تېجارەت قىلىدىغان تۇنجى مۇز ئۈستى پائالىيەت مەركىزى بولىدۇ. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا لايىھە توپلاش پائالىيىتىنىڭ سالاھىيىتىنى ئالدىن تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىدۇ ھەمدە لايىھە توپلاشقا قاتنىشىدىغان تەخمىنەن 12 لايىھەلەش ئاپپاراتى باھالاپ چىقىلىدۇ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا لايىھە توپلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى لايىھە توپلاشتا ئۈچ مۇنەۋۋەر لايىھە باھالاپ چىقىلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئۈچ لايىھەدىن بىرنى تاللاپ قۇرۇلۇش قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر