باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى ئاياقلاشتى

2016.06.08 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلاندى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 23 مىڭ 976 كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، 2015-يىلىدىكى 22 مىڭ 590 كىشىدىن ئازراق ئېشىپ، 1386 كىشى كۆپەيگەن. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا 201 مىڭ 165 كىشى تىزىملاتقان، 178 مىڭ 759 كىشى ئىمتىھانغا قاتناشقان، ئاپتونوم رايون بويىچە 12 ئايماق شەھەردە 187 ئىمتىھان نۇقتىسى، 6135 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىمتىھان مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ياخشى، باراۋەر ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 104 كىشى ئازايغان. 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن جايلاردىكى ئىمتىھان سوئالىنىڭ يېزىقچىلىق سوئالى كەڭ تارقالدى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئىمتىھان سوئالىدا يېزىقچىلىقتا ئىككىدىن بىرنى تاللاپ يېزىش تەلەپ قىلىندى؛ شاڭخەينىڭ يېزىقچىلىق سوئالىدا «باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا باھا بېرىش» ھادىسىسى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى يېزىش تەلەپ قىلىندى. گۇاڭدۇڭنىڭ ئىمتىھان سوئالىدا تۆت ھەجۋىي رەسىمگە قاراپ ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر