باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسى ئورناتتى

2016.06.08 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەلگۈسى بەش يىلدا، مەملىكەت بويىچە 70 مىليون نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ، بۇ-دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم نىشانى. بۇلتۇردىن تارتىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەتراپلىق سىستېمىسىنى ئورناتتى. شىزاڭدا 590 مىڭ نامرات نوپۇس بار، بۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 مىليون نامرات نوپۇس ئىچىدە كۆپ سان دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ 590 مىڭ ئادەم بىر مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كەڭ زېمىنغا تارقالغان، شۇڭا نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى كىچىك دېگىلى بولمايدۇ. باشقا جايغا كۆچۈرۈش-شىزاڭنىڭ چەت-يىراق جايلاردا ياشايدىغان نامرات نوپۇسلارغا قوللانغان يۆلەش تەدبىرى بولدى. باشقا جايغا كۆچۈرۈشتىن سىرت، شىزاڭ ئالاھىدە كەسىپ بازىلىرىغا ئىگە نامراتلار جايلارغا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ياردەم بەردى. جاناڭ ناھىيەسى چياڭبالىن كەنتىدە، زاڭزۇلارنىڭ يۇڭ توقۇلمىسى بولغان پۇلى يەرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنىرى ئىدى، بۇ يىلدىن تارتىپ ئەھۋال تېخىمۇ ياخشىلاندى، كەنتتىن گاما لوبۇ دېگەن بىر بېيىش باشلامچىسى چىقتى، ئۇنىڭ ھۈنىرى ياخشى بولۇپ، بازارنىڭ ئېپىنى بىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوپىراتىپنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. بۇلتۇر ناھىيە 800 مىڭ يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بۇ كەسپىي كوپىراتىپقا ئاجرىتىپ، سودا ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، زاۋۇت سالدى، پۈتۈن كەنتتىكى 28 نامرات ئائىلە پۇلۇ ئىشلەشتىن نەپ ئېلىشقا باشلىدى. بۇلتۇردىن تارتىپ، چەت-يىراق تاغلىق جايلاردىن باشقا يەرگە كۆچۈرۈش، ئورمان، يايلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، كەسىپ بازىسى بار جايلارنىڭ ئالاھىدە كەسپىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قارلىق ئېگىزلىكتىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايون ئەمگەك ئىقتىدارى يوق بەشتە كاپالەت ياشانغانلىرى ۋە يېتىم-يېسىرلارنى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن مەركەزلىك بېقىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن، نامراتلارنى دەل يۆلەشنىڭ بىر ئەتراپلىق سىستېمىسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا تەدرىجىي ئورنىتىلىشقا باشلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر