باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي تەپتىش 7-تۈركۈمدىكى يېتەكچى دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى

2016.06.08 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 6-ئىيۇن 7-تۈركۈمدىكى جەمئىي تۆت يېتەكچى دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى، بۇلار مالېنىڭ ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ سودا قىلىش دېلوسى، يۈ يىڭشېڭ ئەرز دېلوسى، چېن مەن ئەرز دېلوسى، ۋاڭ يۈلېينى تەستىقلىماي قولغا ئېلىش دېلوسى بولۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جىنايى ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش، كېسىم چىقىرىش، رازۋېتكا پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچى بولدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن-سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋەن چۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ سودا قىلىش جىنايىتىگە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 180-ماددىسىدىكى «ئەھۋالى ئېغىر» ياكى «ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر» دېگەن ھۆكۈم بويىچە ئايرىم-ئايرىم جىنايى جازا بېرىش كېرەك، «ئەھۋالى ئېغىر» دېگەن جازا ئۆلچىمى بىزنىڭ ئەدلىيە خادىملىرىمىزنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 180-ماددىسى 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنى چۈشىنىش ۋە قوللىنىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق شۇنداقلا ئوخشاش تۈردىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئوخشاش تۈردىكى كەسىپكارلارنىڭ جىنايىتىگە جازا بېرىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈ يىڭشېڭ، چېن مەنگە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن باشقا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان، ئۇزۇن يىل ئەرز قىلىش ئارقىلىق، تەپتىش ئورگانلىرى قايتا قاراپ چىقىپ تەپتىش قىلىش تەكلىپى بېرىش، نارازىلىق ئەرزى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، نازارەت قىلغان سوت مەھكىمىسى ئاللىقاچان كۈچكە ئىگە بولغان خاتا ھۆكۈم، كېسىمنى تۈزىتىپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان جاۋابكارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى گۇناھسىزلىققا ئۆزگەرتىپ، قايتا ئادالەت ۋە ئەركىنلىككە ئىگە قىلغان. تەپتىش ئورگانلىرى ۋاڭ يۈلېينى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش دېلوسىنى بېجىرىشتە، ئۇنىڭغا قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇلۇپ جىنايەت بېكىتىلگەنلىكىنى بايقاپ، قانۇنسىز ئىسپاتلارنى قەتئىي يوققا چىقىرىپ، تەستقىلىماي قولغا ئالغان دېگەن قارارنى چىقىرىپ، ناھەق دېلو يۈز بېرىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ قالغان. ۋەن چۈن مۇنداق دېدى: بىز ئەدلىيە ئورگانلىرىدىن مەيلى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش ياكى ئەرزنى تەكشۈرۈش ياكى جىنايى ئىشلار ئەرز دېلولىرىنى قايتا تەكشۈرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە ئىسپات بويىچە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ دېلودىكى پاكىتنىڭ يەكۈنىنى بىردىنبىر ئىسپات ئۆلچىمىنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ، دېلودا پاكىت بارمۇ-يوق، جاۋابكار جىنايەت سادىر قىلغانمۇ-يوق دېگەن ھالقىلىق مەسىلىلەردە بىردىنبىر مۇتلەق يەكۈن چىقارماسلىق، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، گۇمانلىق جىنايەتنى بىكار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر