- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتى» نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
2016.06.06 17:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا مۇھىت كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، سىچۈەن، جېجياڭ، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 19 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 33 ئىلغار شەخس مۇكاپاتلاندى. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى بىردىنبىر ھۆكۈمەت مۇكاپات تۈرى بولۇپ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئاساسىي قاتلام 1-سېپىگە يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ.
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جىنىڭ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش−پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى توپلاشنى مۇھىم ۋاسىتە ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، شەھەر) ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇشنى قانات يايدۇردى، 1000 دىن ئارتۇق شەھەر، ناھىيە، رايون ئېكولوگىيەلىك شەھەر، رايون قۇرىۋاتىدۇ، 133 رايون ئېكولوگىيەلىك ناھىيە، شەھەر نامىغا ئېرىشتى. بۇ تۈرنى باھالاشتا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى خىزمىتى ۋاسىتە قىلىنىپ قانات يايدۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر