- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 6-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىنىدۇ
2016.06.06 15:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 5-ماي 2016-يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 9-ئاينىڭ 24- ۋە 25-كۈنلىرى ئىككى كۈن بولىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىدا داۋاملىق توردا تىزىملىتىش شەكلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، تىزىملاتقۇچىلار تىزىملاتقاندا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى چوقۇم ئەينەن، توغرا تولدۇرۇشى، ئېلېكتىرونلۇق سۈرەت ۋە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يۇقىرىغا يوللىشى ھەم تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىيلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى ھەققىدە ۋەدە بېرىشى لازىم.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى، جايلاردىكى كونكرېت تىزىملىتىش ئىشلىرى، بولۇپمۇ نەقمەيداندا بېجىرىش كېرەك بولغان تىزىملىتىش ئىشلىرىنى شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. ئىمتىھان مەيدانى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلغان جايلاردا، ئىمتىھان بېرىدىغانلار چوقۇم شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىدىكى ۋاقىت بويىچە ئىمتىھان مەيدانىغا يېتىپ بېرىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر