باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ توقۇلما مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئۆلچىمى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

2016.06.01 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ توقۇلما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى" بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ توقۇلما مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئۆلچىمى" 1-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويىلىدۇ. 31-ماي جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قسىمەن بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىملىرى، توۋارلىرىنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن قىسمەن بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىم كېچەك مەھسۇلاتلىرىدا قىسمەن يەرلىرى مۇستەھكەم بولماسلىق، باغلاق ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ بارلىقى ئايان بولۇپ، يۈكسەك دېققەت ئېتىبارنى قوزغىدى.

  دۆلەتلىك توقۇمچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ باۋجۈن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئۆلچەم بىرقەدەر دېققەت ئېتىبارنى قوزغىدى، بىرىنچىسى باغلاق، يەنە بىرى كىيىم كېچەك ئۈستىدىكى تۈگمە، ئىلغۇچ دېگەنلەر بەك ئۇچلۇق بولۇپ كەتمەسلىكى، قولغا سانجىلىدىغان نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك.

  باھالاش دوكلاتىدىن ئايان بولىشىچە، قىسمەن بوۋاقلار،بالىلار مەھسۇلاتلىرىدا يوقارقى مەسىلىلەردىن تاشقىرى يەنە چىداشچانلىق بەلگىسى تىكىلگەن جاينىمۇ ئۆزگەرتىش كېرەك، تېرە بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمايدىغان جاينى تاللاش كېرەك، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىستېمال يېتەكچىلىك بۆلىمىدىكى جاۋ يۇ مۇنداق دېدى: 40 خىل ئۆرنەك ئىچىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسملىرىنىڭ چىداشچانلىق بەلگىسى كىيىمنىڭ سىرتىغا تىكىلگەن، بوۋاقلار ،بالىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېرىسى يۇمران، بۇ ئۇلارنىڭ كىيىم كىيگەندە راھەت ھىس قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمال يېتەكچىلىك بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چى شياۋلىن مۇنداق دېدى: بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ رەڭگى سۇس بولۇشى، گۈل بېسىلغان ئورۇن بىرقەدەر كىچىك بولۇشى كېرەك، شۇڭا بېزەك بۇيۇملىرى ئاز بوۋاقلار كىيىمىنى تاللاش كېرەك، قوشۇمچە بېزەكلىرى قانچە ئاز بولسا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەتىرى شۇنچە كىچىك بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر