- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند كىرىمى چىقىمدىن كۆپ بولدى
كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇقى 3 تىرىليون 900 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
2016.05.31 13:34 مەنبە: خەلق تورى
ماتېرىيال سۈرەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا «زىيان» بولدىمۇ؟ ياق. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 30-ماي ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى پۈتۈن يىللىق بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند كىرىمى چىقىمدىن كۆپ بولغان، 2015-يىلنىڭ ئاخىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇقى 3 تىرىليون 993 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يەنە مەملىكەت بويىچە 7 مىليون 167 مىڭ مەمۇر بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى 30-ماي «2015-يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ئاخباراتى»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن يىللىق بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند كىرىمىنىڭ 4 تىرىليون 601 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 618 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئېشىپ، ٪15.5 ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى. فوند چىقىمى 3 تىرىليون 898 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 598 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئېشىپ، ٪18.1 ئاشقان.
كۆپچىلىك ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا زىيان كۆرۈلمىگەن. ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشچە، پۈتۈن يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ كىرىمى 3 تىرىليون 219 مىليارد 500 مىليون يۈەن، پۈتۈن يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ چىقىمى 2 تىرىليون 792 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان. يىل ئاخىرىدا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇقى 3 تىرىليون 993 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر