باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق جۇڭگو چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى باشلىقلار يىغىنى يېپىلدى

2016.05.30 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن يېپىلغان "2016-يىللىق جۇڭگو چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى باشلىقلار يىغىنى ھەمدە جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ھاسىل بولغان يۇقىرى تېخنىكا ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى، 2010-يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ جىچياڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى 250 نەچچە دۆلەتنىڭ شەھەر بازارلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئانالىز، تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بېرى بىز سانلىق مەلۇماتنى تاپالمىغان ئىدۇق، پۈتۈن دۇنيادىكى شەھەر تەتقىقاتىدا ئەڭ ئاددىي چارە قوللىنىلىپ، ئادەمنى ئىشقا سالغان ئىدى، بۈگۈن بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بۈگۈن بىز غايەت زور تەقلىدىي سانلىق مەلۇمات بىلەن شەھەر ئىلىمىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شەھەرلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، 58 توڭچېڭ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى ياۋ جىنبو مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل جۇەنجۈەن ناملىق باشقا بىر يېڭى مەھسۇلاتنى چىقاردۇق، بۇنىڭدا نىمكەش سودىسىنىڭ سۈپىتىگە پۈتۈنلەي كاپالەتلىك قىلىشقا ئامالسىز بولغان ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەن كېپىللىك سودا مۇلازىمىتى دەرىجىسىگە كۆتۈردۇق. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە 68 مۇنبەر ئۆتكۈزۈلدى،بۇلار جۇڭگودىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەر سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتنى كونترول قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، سانائەت ئىنتېرنېتىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئاساسى تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سانلىق مەلۇمات ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىش سەھنىسى ۋە ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر