باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئالىملىرى NPCI ئاقسىل توقۇلمىسىنى ئانالىز قىلدى

2016.05.30 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يەننىڭ تېما گۇرۇپپىسى بىلەن جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىكرو ئورگانىزم گۇرۇپپىسى گاۋفۇ ئاكادېمىكى تېما گۇرۇپپىسى ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسى، دۇنيادا تۇنجى قېتىم NPCI ئاقسىلىنىڭ روشەن توقۇلمىسىنى ئانالىز قىلدى ھەم ئۇنىڭ خىزمەت جەريانىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلىپ، ئاز كۆرۈلىدىغان ئىرسىي كېسەللىك« Niemann-Pick نېمان پىك كېسىلى» ۋە ئېبولا ۋىرۇسىنى داۋالاش ئۈچۈن يېڭى شارائىت ھازىرلاندى.

  ئىگىلىنىشچە، «نېمان پىك كېسىلى» خولېستېرىن−فوسفاتىد فوسفورلۇق ياغ قاتارلىق ياغلارنىڭ مېتابولىزمىنىڭ بىنورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئىرسىي كېسەللىك بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق ئىكەن. NPCI نىڭ غەيرىيلىكى بولسا C تىپلىق« نېمان پىك كېسىلى» نىڭ ئاساسلىق كېسەل پەيدا قىلىش ئامىلى. ئۆتكەن 20 يىلغا يېقىن ئىرسىيەت ۋە بىئوخىمىيە تەجرىبىسىدىن بايقىلىشچە، NPCI ئاقسىلى خولېستېرىننىڭ بەدەن ھۈجەيرىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان توشۇغۇچىسى ئىكەن. ئەگەر NPCI دا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، خولېستېرىننىڭ فېرمېنت ئېرىتكۈچى تەنچىدە نورمالسىز يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ جىگەر، بۆرەك، تال، ھەتتا مېڭە قىسىمىدىكى ياغلارنىڭ زىيادە يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئەزالاردا كېسەللىك پەيدا قىلىشى ھەم ھاياتىدىن ئايرىشى مۇمكىن. NPCI نىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، خولېستېرىننىڭ نورمال بېتابولىزمىنى ھەل قىلىشتا، NPCI ئاقسىلىنىڭ روشەن توقۇلمىسىغا ئېرىشىش ھالقىلىق بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر