باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېگرا سىرتىدىن مال سېتىۋالغاندا ئېلىپ ئۆتۈش، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدىغان 16 چوڭ تۈردىكى بۇيۇملار

2016.05.30 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىستېمالچىلارنىڭ چەت ئەللەردىن نەرسە سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدە «چېگرا سىرتىدىن نەرسە سېتىۋېلىش» قىزغىنلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. بوۋاقلار سۈت پاراشوكى، قەغەز زاكىدىن يېمەكلىكلەر، ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كىيىم-كېچەكلىرىگىچە چېگرا سىرتىدىن سېتىۋالغان تاۋارلارنىڭ تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆپەيمەكتە. لېكىن نۇرغۇن كىشى چەت ئەلدىن يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، تاموژنا بېجى ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، چېگرا پىرىيۇم -كارانتىن ئىدارىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن بەزى يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلىقى ياكى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.

  مۇخبىرنىڭ تيەنجىن شەھەرلىك چېگرا پىرىيۇم -كارانتىن ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، تيەنجىن شەھەرلىك چېگرا پىرىيۇم - كارانتىن ئىدارىسى پوچتا يوللانمىلىرى پىرىيۇم -كارانتىن ئىدارىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن تېز پوچتا يوللانمىلىرى ئىچىدىن 794 تۈركۈم ( قېتىم )، تەخمىنەن 497 كىلوگىرام گۆش قىيامى، 88 تۈركۈم ( قېتىم )، تەخمىنەن 139 كىلوگىرام قېتىق، سۈت ۋە پىشلاقنى قولغا چۈشۈرگەن.دۆلىتىمىزنىڭ «يولۇچىلار ئىلىپ ئۆتۈش، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىسىملىكى» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سۈت مەھسۇلاتلىرى يەنى خام سۈت، ساپ سۈت، قېتىق، قايماق، سېرىق ماي، پىشلاق قاتارلىق سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، (خام ياكى پىششىق) گۆش تۈرى ياكى ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلات قاتارلىقلارنى پوچتا ئارقىلىق چېگرادىن ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.

  تيەنجىن شەھەرلىك چېگرا پىرىيۇم - كارانتىن ئىدارىسى كەڭ ئىستېمالچىلارغا دۆلىتىمىزگە ئېلىپ ئۆتۈش، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدىغان 16 چوڭ تۈردىكى بۇيۇملار بارلىقىنى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا چەت ئەلدىن پوچتا ئارقىلىق تاۋار سېتىۋېلىپ كىرگۈزگەندە، ئاۋۋال چېگرا پىرىيۇم-كارانتىن قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنى ئىگىلەپ، بىھۇدە زىيان كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر