باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %23 تىن ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2016.05.27 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ۋە ب د ت مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسى 26-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %23 تىن ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھەر يىلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا ياخشى بولغان كۈن سانى %80 تىن ئاشۇرۇلىدۇ.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ۋە ب د ت مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى 2-نۆۋەتلىك ب د ت مۇھىت يىغىنىدا، «سۈپسۈزۈك سۇلار، ياپيېشىل تاغلار-ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغلاردۇر: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكىتى» دوكلاتىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، جۇڭگو 2020-يىلىغا بارغاندا، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى %23 ئازايتىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %15 ئازايتىش، بىرلىك دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %18 تۆۋەنلىتىشكە ۋەدە بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر