باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاچانلىققا ئىززىتىمىز بىلەن ھاجەت قىلىمىز؟

2016.05.26 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30 نەچچە خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك ھاجەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شەھەرلەرنىڭ سەھىيە ئەھۋالى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ مۇھىتى ناچار بولۇش سەۋەبلىك زور دەرىجىدە ناچارلىشىۋاتىدۇ.

  مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىر كىشى بىر يىلدا 2000 قېتىمدىن كۆپرەك ھاجەت قىلىدىكەن، ئۆمرىدە ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقتى ھاجەتخانىدا ئۆتىدىكەن. ۋاھالەنكى، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ھاجەت قىلىش سەرگۈزەشتىسى ئانچە ئىززەتلىك ئەمەس.

  «ھاجەت قىلىدىغان جاي يوق بولۇش»تىن «ھاجەت قىلىدىغان جاي بار بولۇش»قا ھالقىدۇق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان «ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىنقىلابى» كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى: 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن ھاجەتخانا 22 مىڭغا يەتتى، يېزىلاردا ھاجەتخانا ئومۇملىشىش نىسبىتى %75كە يەتتى. بىراق «سېسىق ئاممىۋى ھاجەتخانا» ئاممىنىڭ سالامەتلىكى ۋە مەبلەغ سېلىش قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. ھاجەت قىلىش مەدەنىيىتىنىڭ تىكلىنىشى ھېلىھەم ئىنتايىن مۈشكۈل بولماقتا.

  ئاممىۋى ھاجەتخانا سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھاجەتخانا مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى يەنە سەھىيە خەۋپىنى پەيدا قىلىدىكەن: يېزا رايونلىرىدا %80 يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى ھاجەتخانىدىكى گەندە ۋە ئىچىملىك سۇنىڭ پاكىز بولماسلىقىدىن كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تولغاق، خولېرا قاتارلىق 30 نەچچە خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك گەندە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر