باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: تەيۋەن رايونى ئامېرىكا بىلەن پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپ بولمىغان، ئەلئىچى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ، دېدى

2016.05.26 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 25-ماي، تەيۋەن رايونىنىڭ ئامېرىكا بىلەن پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپ بولمىغان، ئەلئىچى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئورگانلىرى ۋە ئۇ ئورگانلار مەسئۇللىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئورنىنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈندىكى ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، تەيۋەن رايونىنىڭ رەھبىرى ئاتالمىش «ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى»نى تەيىنلىدى، باياناتچى بۇنىڭغا قارىتا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ. بىز «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىنى، تەيۋەن رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۆز سالاھىيىتى، ئورنىغا ماس كەلمەيدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر