باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشىدە نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى لاياقەتسىز چىقتى

2016.05.26 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى نۆۋەتتە تەييۈەن شەھىرىنىڭ بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان، باشقا ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان 15 تۈركۈم (قېتىم) يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ سۈپىتىنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرگەندە، 11 تۈركۈم (قېتىم) لاياقەتلىك، تۆت تۈركۈم (قېتىم) لاياقەتسىز بولۇپ، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى % 26.7 بولغان.

  بۇ قېتىمقى باتارېيەنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ھۈنەر-سەنئىتى قالاق بولغاچقا ياكى تەننەرخىنى ئازايتىش ئۈچۈن سۈپىتى ناچار خام ماتېرىيال ئىشلەتكەچكە، بىر قىسىم يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ زەرەت قويۇپ بېرىش ئىقتىدار ئۆلچىمى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى بايقالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، زەرەت قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى يان تېلېفون باتارېيە سىغىمىنى تەكشۈرىدىغان مۇھىم سۈپەت كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بۇ تۈردە ئۆلچەمگە يەتمىسە، يان تېلېفوننىڭ ئۆمرى قىسقىراپ، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر تەتكۈزىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تۆت تۈركۈم لاياقەتسىز مەھسۇلات زەرەت قويۇپ بېرىش ۋاقتى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىدىن، بۇ تۈرنىڭ لاياقەتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  بۇ قېتىمقى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشتە، WDT-سامسۇڭ S5360 تىپلىق ، WDT-سامسۇڭ I9070 تىپلىق ۋەنداتوڭ ماركىلىق يان تېلېفون باتارېيەسى، شېنجېن شەھىرى خۇايى باتارېيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان BL-4C、BP-4L تىپلىق خۇايى تېخنىكىسى ماركىلىق يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ زەرەت قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر