باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ قىسىم جايلار باھا ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

بېيجىڭ قىستاڭچىلىق ھەققى سىياسىتىنى تەتقىق قىلدى

2016.05.26 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلىگراممىسى: بىرىنچى نۆۋەتلىك باھا ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ. بۇلتۇر 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرسىدىكى بىر قانچە پىكىرى» دە، باھا ئىسلاھاتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلارنىڭ خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، جايلارنىڭ باھا ئىسلاھاتى كونكرېت لايىھەسى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ بېيجىڭ، فۇجيەن، خۇنەن، جياڭسۇ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنېڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا باھا ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش پىكىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جايلارنىڭ يولغا قويۇش پىكرىدە 2017-يىلى ۋە 2020-يىلى مەركەز قىلىنىپ، باھا ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، جايلارنىڭ پىكىرىدە بايلىق، قاتناش، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، يەرلىك خاس سىياسەت، تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى ھەم ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى ئېنىق بېكىتىلدى. قاتناش ترانسپورت باھاسى جەھەتتە، بېيجىڭدا «قاتناش قىستاڭچىلىقنى پەسەيتىشكە پايدىلىق باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» تەلەپ قىلىندى ھەم «<بېيجىڭ شەھىنىڭ 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ساپ ھاۋا ھەرىكەت پىلانى> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قاتناش قىستاڭچىلىق ھەققى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭدا يەنە ئاممىۋىي قاتناش باھاسىنى جانلىق تەڭشەش چارىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت بەلگىلەپ باشقۇرىدىغان شەھەر ئاممىۋى ئاپتوموبىلى ۋە رېلىسلىق قاتناش باھاسىنى تەڭشەشنى قەرەللىك يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر