باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ

كەلگۈسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قانداق قىلغاندا ئادىللىق بىلەن خاسللىققا تەڭ ئىگە بولىدۇ؟

2016.05.26 13:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، جياڭسۇ، خۇبېي قاتارلىق 20 نەچچە ئۆلكىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، 2014-يىل ئاخىرىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق تارقاتقان «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى ۋە نومۇر قىممىتىنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ روھى بويىچە، جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇش تۈرلىرى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدىكەن.

  پىكىرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلغان قىسمەن ئۆلكىلەر تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەنلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قاتارلىق مەملىكەتلىك نومۇر قوشۇش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەر بارلىق يەرلىك نومۇر قوشۇش تۈرلىرىنى رەتكە سالىدۇ ياكى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

  ھازىر، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەر پىكىردە ساقلاپ قېلىشى بەلگىلەنگەن مەملىكەتلىك نومۇر قوشۇش تۈرلىرىنى ساقلاپ قالدى، ئۇلار «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى»، «چېگرا رايون، تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار»، «ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ پەرزەنتى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتى ۋە تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار»، «ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەر»، «ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەزگىلىدە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (2-دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى چوڭ ھەربىي رايوندىن يۇقىرى (چوڭ ھەربىي رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئورۇنلار تەرىپىدىن پەخرىي نامغا ئېرىشكەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلغان ئۆلكىلەر ساقلاپ قالغان يەرلىك نومۇر قوشۇش تۈرلىرىدىن ئاساسلىق «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار»، «يېزىلاردىكى يالغۇز قىز پەرزەنتكە نومۇر قوشۇش» قاتارلىقلار بار، لېكىن ھەممىسىنىڭ تەڭشەپ ياكى كېمەيتىپ قوللىنىش دائىرىسى بار. مەسىلەن، تيەنجىن شەھىرى «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار»غا يەرلىك نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پەقەت شەھەرگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ شۇ شەھەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا قوللىنىش، نومۇر قوشقاندا بەش نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەسلىدە مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ئۈچۈن ئىدى، لېكىن ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا ئادىلسىزلىق كۆرۈلدى. كەلگۈسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈزۈمىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، چەت، يىراق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى قاتارلىق ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، نومۇر قوشۇش تۈرى يەنىمۇ قىسقارتىلىدۇ ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  ئىككىنچى، نومۇر قوشۇشنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمى بارا-بارا ئاجىزلايدۇ ھەتتا يوقايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئىناۋەت سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، نومۇر قوشۇش ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر