باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا جۇڭگو ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

2016.05.24 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى 23-ماي قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ جۇڭگو ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى، پاكىستاننىڭ يادرو بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت گوروھىغا كىرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىرمۇ-بىر جاۋاب بەردى.

  ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكىرجى يېقىندا، ھىندسىتان جۇڭگو بىلەن "ئادىل، مۇۋاپىق"، "ئىككى تەرەپ قوبول قىلالايدىغان" ئۇسۇل بىلەن جۇڭگو ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا قارىتا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو داۋاملىق ھىندسىتان بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، چېگرا مەسىلىسىنى رامكا سۆھبىتى ئىچىدە ھەل قىلىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ھىندسىتان سۆھبەت ئارقىلىق زېمىن تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق شۇنداقلا ئىككى تەرەپ قوبول قىلالايدىغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشكە تىرىشماقتا. ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ چېگرا سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تالاش-تارتىشلارنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىقىنى قوغداپ، جۇڭگو بىلەن ھىندسىتان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ چېگرا مەسىلىسىنى جۇملىدىن ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۇچرىششىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش چېگرىغا چېتىشلىق خىزمەت مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان سىياسى يىتەكچى پرىنسىپ ۋە "ئۈچ قەدەمدە مېڭىش" يول خەرىتىسىنى ھاسىل قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان يادرو بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت گورۇھىغا كىرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: پاكىستان "يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتىمەسلىك شەرتنامىسى"نى تۈزگۈچى دۆلەت ئەمەس، جۇڭگو ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالدى بىلەن " يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى"غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ يادرو بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىش مەسىلىسىنى تولۇق مۇزاكىرە قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ.

  پاكىستان يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامسىىگە ئەزا دۆلەت ئەمەس. يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامسىىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتنىڭ يادرو بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت گوروھىغا كىرىش-كىرمەسلىكى گوروھ ئىچىدە يەنە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئېختىلاپ بىر قەدەر زور. بۇمۇ بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىزچىل گۇرۇھنىڭ يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامسىىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتنىڭ يادرو بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت گورۇھىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى تولۇق مۇزاكىرە قىلىش شۇنداقلا ئورتاق تونۇش ۋە كېڭىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىردەك قارار چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى. جۇڭگونىڭ مەيدانى بارلىق يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامسىىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر جۇملىدىن پاكىستانغىمۇ ماس كېلىدۇ. پاكىستان جۇڭگو بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئىستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلەر، يېقىن قوشنىلار. جۇڭگونىڭ يۇقارقى پرىنسىپال مەيدانى يالغۇز پاكىستانغىلا قارىتىلمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر