باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو فىرانسىيە مەدەنىيەت مۇنبىرى 25-مايدىن 27-مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.05.24 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ياۋروپا ئامېرىكا ساۋاقداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو فىرانسىيە مەدەنىيەت مۇنبىرى 25-مايدىن 27-مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ياۋروپا ئامېرىكا ساۋاقداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى جاڭ شۆجۈن 23-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو فىرانسىيە مەدەنىيەت مۇنبىرى "بىر بەلۋاغ بىر يول": مەدەنىيەت سۆزلىشىشى ۋە بېرىكىشىشىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتسىز، پايدا ئالمايدىغان جۇڭگو فىرانسىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سەھنە.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بەش مەيدان ئاساسى مۇنبەر پائالىيىتى ۋە 11مەيدان شۆبە مۇنبەر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جۇڭگو دېخۇا فارفۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى، يېڭلەن يازلىق مۇزىكا كېچىلىكى، بەدىئىي لايىھەلەش ۋە داڭلىق ماركا مۇنبىرى قاتارلىق مەدەنىيەت سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت ساھەسى، سەنئەت ساھەسى، ئىقتىساد ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ مېھمان مىراسلارنى قوغداش، تارىخى تەتقىقات، مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلىش، شەھەر تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر