باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.05.24 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تېلېۋېزىيەلىك تېلفون يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسىپ-تەرەققىياتنىڭ ئاساسى شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق تايانچى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل توغرا يۆلەش ئاساسى تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق، 30مىليوندىن ئارتۇق يېزا نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسىپلەر تەرەققىياتى بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پاي تۈزۈمى، ھەسسىدارلىق ھەمكارلىق تۈزۈمى، يەرلەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، زاكاز قوبۇل قىلىپ يۆلەشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، نامرات نوپۇس بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى ئاساسى گەۋدىسى ئارسىىدىكى پايدا بېرىكىش مىخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، نامرات نوپۇسنى كەسىپ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر