باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغان 65 يىلدىن بۇيان زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2016.05.24 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  65 يىل بۇرۇنقى 23-ماي-شىزاڭ تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.

  مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى 1951-يىلى 23-ماي شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش چارىسىنىڭ 17 ماددىلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىزاڭغا كىرىپ، شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىندى. شۇندىن تارتىپ، شىزاڭ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، مۇستەبىتلىكتىن دېموكراتىيەگە، فىئوداللىقتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ ماڭغان يېڭى دەۋرگە كىردى.

  دەل مۇشۇ تىنچ ئازادلىق بولغانلىقتىن، 1959-يىلى شىزاڭدىكى مىليون يانچىنىڭ قەددىنى رۇسلىغان دېموكراتىك ئىسلاھات ھەرىكىتى بارلىققا كەلدى، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فىئوداللىق يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغۋار ھەرىكەتكە ئايلاندى؛ دەل مۇشۇ تىنچ ئازادلىق بولغانلىقتىن، 1965-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھەقىقىي خوجايىنغا ئايلىنىپ، ئۆز مىللىتى، ئۆز رايونىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى؛ دەل مۇشۇ تىنچ ئازادلىق بولغانلىقتىن، شىزاڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ داغدام يولىدا مېڭىپ، قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا مىڭ يىللىق مۇساپىدىن ھالقىغان ئىنسانىيەت مۆجىزىسىنى ياراتتى.

  تىنچ ئازاد بولغان 65 يىلدىن بۇيان، شىزاڭدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى 35 يېرىم ياشتىن 68.17 ياشقا ئۇزاردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلتۇرقى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يۈز مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئۇدا 23 يىل ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى. بىر زامانىۋى سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ يەر شارىنىڭ ئۆگزىسىدە قەد كۆتۈرۈپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يىپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادالەت كىشى قەلبىنى مايىل قىلىدۇ. قارلىق ئېگىزلىكتىكى 65 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر پەقەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم، جۇڭگوچە، شىزاڭچە تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرغاچقىلا، ئاندىن شىزاڭنىڭ گۈللەنگەن، يۈكسەلگەن بۈگۈنكى كۈنلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر