باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلدا %40دىن ئارتۇق جايدا قۇرغاقچىلىق بولدى

2016.05.24 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىياز پەسلى بولۇپمۇ 5-ئاي كىرگەندىن بېرى ئىچكى موڭغۇلدا ھۆل يېغىن ئاز بولدى، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا دېگۈدەك ھۆل يېغىن بولمىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋا رايى داۋاملىق قۇرغاق بولدى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلدا %40دىن ئارتۇق جايدا قۇرغاقچىلىق بولغان، قىسمەن جايلاردا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپەتنى شەكىللەندۈرۈپ، نەچچە مىليون يۈەن زىيان كېلىپ چىققان، ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، كىلىماتنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلىشىدىكەن.

  ھاۋانىڭ قۇرغاق بولۇشى ئىچكى موڭغۇلدا ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشكە ئوبيېكتىپ شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىن بولدى، 18-،20-21-ماي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چوڭ ھىنگان ئورمانچىلىق رايونى جىنخې ئورمانچىلىق ئىدارىسى جىنلىن ئورمانچىلىق مەيدانى، ئىچكى موڭغۇل خۇلۇمبۇردىكى ئورمانچىلىق رايونى، ئىچكى موڭغۇل چوڭ ھىنگان ئورمانچىلىق رايونىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانچىلىق رايونىدا ئارقا ئارقىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئۆچۈرىۋېلىندى، نۆۋەتتە ئۈچ قېتىملىق ئوت ئاپىتى ئۆچۈرۈلدى، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى نەق مەيداندا تازىلاپ، كۆزەت قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر