- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ بانكا كەسپىدە %70 مۈلۈك باشقۇرۇش مەبلىغى ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىندى
2016.05.24 15:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو بانكىچىلىق جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 160 تىرىليون يۈەنلىك مۈلۈك باشقۇرۇش مەبلىغى ئاكسىيە تارقىتىش، ھوقۇق مەنپەئەت تۈرىدىكى مەبلەغ قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىنىپ، مۈلۈك باشقۇرۇش مەبلىغى قالدۇقىنىڭ %70 نى ئىگىلەپ، 2014-يىلىدىكىدىن 5 تىرىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئېشىش دەرىجىسى %50 كە يېقىنلاشتى.
مەبلەغنى ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىنغان مۈلۈك باشقۇرۇش مەبلىغى خەلق ئىگىلىكىدىكى 90 نەچچە 2-دەرىجىلىك كەسىپ تۈرىگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توپا تاش قۇرۇلۇش ئىشلىرى، ئاممىۋى ئەسلىھەنى باشقۇرۇش كەسپى، ئۆي مۈلۈك كەسپى، يول تىرانسپورتى، ئېلېكتىر ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىنلەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %50 كە يېقىنلىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر