باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان مىكرو فىلىملەرنى بازارغا سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2016.05.20 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت خىزمىتى نامايان قىلىنغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان مىكرو فىلىم «تۇمان كەلتۈرۈپ چىقارغان دەۋا» رەسمىي بازارغا سېلىندى. 18-ماي ئۆتكۈزۈلگەن بازارغا سېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جياڭ بىشىن بۇ فىلىم گەرچە قىسقا 20 نەچچە مىنۇتلۇق بولسىمۇ، لېكىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمى، مەمۇرىي رەھبەرلەرنىڭ سوتقا قاتنىشىشى، سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ دېلو بېجىرىشى، مۇھىت پاراۋانلىقى شىكايىتى، شىكايەت مۇلازىمىتى قاتارلىق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى كىرگۈزۈلۈپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

  قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان مىكرو فىلىم «تۇمان كەلتۈرۈپ چىقارغان دەۋا»نى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات باش كوپىراتىپىنىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە مەركىزى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسى جىمو شەھىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلىشىپ تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، فىلىمدە مەمۇرىي سوت خىزمىتىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى نۇقتا قىلىنىپ، ھەرىكىتى دۇرۇس، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان نيو كەنت باشلىقى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال خىزمەتچى خادىملارنى باشلاپ، دىلوغا چېتىشلىق كارخانىنى پېچەتلىۋەتكەنلىكى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ كارخانا تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغانلىق ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر