باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇلىنىش تورلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى

2016.05.20 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇلىنىش تورلىرىدىكى تور بېكەت تەۋسىيە قىلىش ۋە مەزمۇن باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئۇلىنىش تورلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلىنىش تورلىرى تورداشلارنىڭ تورغا چىقىشتىكى مۇھىم كىرىش ئېغىزى، ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يېتەكلەش رولى بار، ئۇلىنىش تورلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ كەڭ تورداشلارغا نوپۇزلۇق، ئىشەنچىلىك تور بېكەت ۋە ئۇچۇرلارنى تەۋسىيە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تور بوشلۇقىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش لازىم.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئىزدەش، hao123 ئۇلىنىشى، 2345 ئۇلىنىشى، 114لا ئۇلىنىشى، UC ئۇلىنىشى، QQ ئۇلىنىشى قاتارلىق سەككىز ئاساسلىق ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى 19-ماي بىرلەشمە تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئۇلىنىش تورلىرىنى توغرا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئۈستىگە ئېلىپ، كەڭ تورداشلارنى تېخىمۇ بىخەتەر، قۇلاي بولغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئېنتېرنېت تورىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇراجەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر