باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭلىرى ناگورنو قارا باغ توقۇنۇشىنى تىنچ ھەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2016.05.18 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف، ئەرمېنىيە زۇڭتۇڭى ساركىسىيان ئۈلۈشكۈن كەچتە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن ۋېنادا سۆھبەتلىشىپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنىڭ ناگورنو قارا باغ رايونىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى ناگورنو قارا باغ رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇلار ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بېكىتىپ، قوراللىق توقۇنۇشنىڭ خېيىم خەتىرىنى يەنىمۇ ئازايتىش ھەمدە قىزىل كىرىس خەلقئارا كومىتېتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇشنى قوللاشقا قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر