باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر»نى تارقىتىپ، ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.05.18 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپى ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىلىقىنىڭ تۈگۈنى، ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە ئەسۋابلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش، ياساش، بازار ترانسىپورت تىجارىتى، ئۇنىۋېرسال كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى ئۇزارتىش قاتارلىق ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، مۇلازىمەت ساھەسى كەڭ، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە بازىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋىئاتسىيەنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، قولايلىق ھەم تېز، ياسىلىشى ئىلغار، بىخەتەر، ئۆلچەملىك، ئىشلىتىلىشى كەڭ، ئارمىيە ۋە خەلققە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر