باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شۇ يىنبياۋ دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولدى

2016.05.18 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 16-ماي چۈشتىن كېيىن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئوتتۇرا قاتلام ۋە ئالىي باشقۇرغۇچى خادىملار يىغىنى ئاچقان. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى تەڭشىگەنلىك توغرىسىدىكى قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن: يولداش شۇ يىنبياۋ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسىلىقىغا تەيىنلەنگەن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ يولداش ليۇ جېنيا دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، يېشى توشقانلىقتىن رەھبەرلىك بەنزىسىدىن چېكىنىپ چىققان. يۇقىرىقى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئالاقىدار قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە بېجىرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر