باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسى تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.05.18 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ 17-ماي ئېلان قىلغان تېز يەتكۈزۈش كەسپىدىكىلەرنىڭ قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىدە: تېز يەتكۈزۈش كەسپىدىكىلەرنىڭ رۇخسەت ئالماي، تېز يەتكۈزۈش كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە بىرلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلار بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشتىن بۇرۇن، نورمال ئۇسۇل ئارقىلىق بىرلىشىپ تىجارەت قىلغۇچىنىڭ تېز يەتكۈزۈش سالاھىيىتى ۋە ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، بىھۇدە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. دۆلەت پوچتا ئىدارىسى يېقىندا بەزى كارخانىلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلىقىنى، تېز يەتكۈزۈش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قاتتىق بۇزغانلىقىنى بايقىغان. دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: بىرلىشىپ تېز يەتكۈزۈش تورىدا تىجارەت قىلىۋاتقانلار مۇناسىپ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن تىجارەت قىلىش نامىدا باشقىلارنى بىرلىشىپ تىجارەت قىلىشقا تارتىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى؛ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغانلار باشقىلارنى رۇخسەت قىلىنغان رايون دائىرىسىدىن ھالقىپ بىرلىشىپ تىجارەت قىلىشقا تارتىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى؛ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا تېز يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ رايون دائىرىسىدىن ھالقىپ خېرىدار تېپىپ تېز يەتكۈزۈش تىجارىتى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر