باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونى ھېس قىلىش _ جۇڭگو غەربىي قىسىم مەدەنىيەت سەپىرى»نىڭ ياۋروپاغا كىرىش پائالىيىتى باشلاندى

2016.05.17 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان بىر مەيدان «سېھرىي كۈچكە تولغان غەربىي رايون» ناخشا-ئۇسسۇلى 15-ماي ئىتالىيەنىڭ مىلان تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن «جۇڭگونى ھېس قىلىش _ جۇڭگو غەربىي قىسىم مەدەنىيەت سەپىرى»نىڭ ياۋروپاغا كىرىش پائالىيىتى باشلاندى.

  شۇ كۈنى كەچتە لىخاسا شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى جۇڭگونىڭ غەربىي رايون پۇرىقىدىكى قىزغىنلىققا تولغان بىر مەيدان ئويۇننى تاماشىبىنلارغا سۇندى، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈزۈم پىشتى» ئۇسسۇلى ۋە موڭغۇللارنىڭ «تۇرنىغا مۇھەببەت» ناملىق نومۇرلىرىمۇ قويۇلدى.

  ئويۇن ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يۈيىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق قەدىمىي يېپەك يولىنىڭ يادرولۇق رايونى، شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئىلگىرى بۇ جايدا ئۇچرىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، بىرلىشىپ، كۆپ قۇتۇبلۇق مەدەنىيەت، رەڭدار سەنئەت بارلىققا كەلگەن. «جۇڭگونى ھېس قىلىش _ جۇڭگو غەربىي قىسىم مەدەنىيەت سەپىرى»نىڭ ياۋروپاغا كىرىش پائالىيىتى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىنىڭ مەدەنىيەت گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئالغا باسقان تەرەققىيات مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلىپ، كۆپ قۇتۇب بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بۇ قېتىملىق «جۇڭگونى ھېس قىلىش _ جۇڭگو غەربىي قىسىم مەدەنىيەت سەپىرى»نىڭ ياۋروپاغا كىرىش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ئوننەچچە كۈن بولۇپ، ئىتالىيەنىڭ مىلان ۋە گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرد، سىتۇئارتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇنلاش، كىنو كۆرىكى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئىتالىيە، گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ساھە زاتلىرىغا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىنى، بولۇپمۇ جۇڭگو شىزاڭ ۋە جۇڭگو شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىپ قوغدالغانلىقى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر