باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

2016.05.17 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 16-ماي ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ۋاڭ يى: جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي سۆھبىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەم 20 دۆلەت گوروھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈستىدە زىچ ئالاقىلىشىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، دېڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر