باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تەستىقلاپ تارقاتتى

مەدەنىيەت، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتى يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.05.17 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ «مەدەنىيەت، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتى يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تەستىقلاپ تارقىتىپ، مۇزېي، سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق مەدەنىيەت، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتى يارىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتى يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش، دۆلەتنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش، ئاساسىي كەسىپلەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مەدەنىيەت، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجادىيەت ۋە پەن-تېخنىكا ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ۋە خاسلىشىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر